تۇغلان لايىھە سەنئىتى

تۇغلان لايىھە سەئىتى سودا ھەمكارلىقى :::

 

ماركا لايىھىلەش باسقۇچى
 

ئەسكەرتىش : بۇ باسقۇچتا خېرىدار <ئا >تەرەپ __________________________________________
<ب> تەرەپ لاھىيە ئېلىپ بارغان تەرەپ (تۇغلان لايىھەسەنئىتى) بولىدۇ .

دەسلەپكى ئۇچرىشىش
ب تەرەپ ئا تەرەپ مەھسۇلاتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئېھتىياجى جەھەتتە چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ .
ئىككى تەرەپ خىزمەت مەزمۇنى جەھەتتە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ، مۇلازىمەت دائىرىسى بىكىتىلىدۇ .
ب تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ .

توختام ھەمكارلىقى
ئىككى تەرەپ خىزمەت مەزمۇنىنى ئۆزئارا كېلىشىپ تۇزىدۇ .
ئىككى تەرەپ مۇلازىمەت ۋاقتى ، ھەق ئۆلچىمى ۋە باشقا ئىنچىكە ھا لقىلارغىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇ
ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن ، ئا تەرەپ ئومومىي ئىش ھەققىنىڭ
٪60  ئاۋۋال تۆلەيدۇ ، ۋە ب تەرەپنى ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكىلات ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

ماركا لايىھىلەشتىكى تەييارلىق باسقۇچ
ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لاھىيە ئارگىنالىنى تۈزۈپ چىقىدۇ .
ئا تەرەپ لاھىيە ئارگىنالىنى كۆرۈپ چىقىپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ب تەرەپ ماركا لايىھىلەشكە باشلايدۇ .

ماركا لايىھىسىنى تۈزۈتۈش ۋە تەستىقلاش
ب تەرەپ توختامغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتۈرگەن لايىھىسىنى ئا تەرەپنىڭ تەستىقلىشىغا تاپشۇرىدۇ .
ئا تەرەپ لايىھەنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا ، ب تەرەپ  ئا تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن  ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ .
لايىھە بىكىتىلگەندىن كىيىنلا ،  ئا تەرەپ توختام بويىچە ب تەرەپنىڭ قالغان ٪40 پىرسەنت ئىش ھەققىنى تاپشۇرىدۇ . ب تەرەپ ماركىنىڭ تەھرىرلىگىلى بولىدىغان ھۆججەت دىسكىسىنى ئا تەرەپكە تاپشۇرىدۇ . (يۇقۇرى ئىنىقلىق ھالىتى ، ۋېكتور ھالىتى ، ئىجادىيەت چۈشەندۈرىلىشى)
 

        

*******************************************************************************
يوللانغان ۋاقتى : 2008-يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى
يوللىغۇچى : تۇغلان
باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ماقالىنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش ئەڭ ئالىي ئەخلاقتۇر . 
 

 

新ICP备08000019号      Copyright © 2007-2008 www.tughlan.com All rights reserved .视觉巴扎版权所有