|
ماركا لايىھىلەش
- ئەمەلىي نەرسىلەرنى لايىھىلەش بولۇپلا قالماستىن ، بىر خىل گرافىك
سەنئىتى لايىھىلەش ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ باشقا گرافىك سەنئىتى ئىپادلەش
ۋاستىسى بىلەن ئوخشاشلىقى بولغاندىن سىرىت يەنە ئۆزىنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتى
بار . ئۇ چوقۇم ئالدىدا ئيىتىلغان ئالاھىدىلىكنى ئەكىس ئەتتۇرۈرگەندىلا
ئاندىن ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ .
بۇنىڭغا قويۇلغان ئاددى ، يىغىنچاق ، مۇكەممەل
بولغان تەلەپ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى لايىھەنى تاپقىلى بولمايدىغان
دەرىجىدە ئېغىر ھەم قاتتىق بولۇپ ، قىيىنلىق دەرىجىسى باشقا ھەر قانداق
گرافىك سەنئىتى لايىھىلەشكە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ .
زامانىۋى كۆرۈش سىزىم
سەنئىتى لايىھىلەشتە ، ماركا لايىھىلەشكە ئۈچ خىل زۆرۈر ئامىل ئوتتۇرغا
قويۇلىدۇ :
(1)
سۈرئەت
: ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىز بولغان ئەۋال ئاستىدا ، لايىھىلىگەن
ماركىلار چوقۇم بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىخچام ۋە ئوچۇق بولۇشى .
(2) ئىنىقلىقى
. ئەكىس ئەتتۈرگەن مەزمۇننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ . شىركەت ، گوروھ ،
مەھسۇلاتلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرغان
بولۇشى .
(3) ئۇچۇر
مىقدارى . مەزمۇن
دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چۇڭقۇرلىقى .
يەنە تولۇقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك بولغان تەرەپلەردىن ، شەكىلنىڭ گۈزەللىكى ،
بىز كۆرگەن بەزى لايىھىلەر ئاددى ، چۈشىنىشلىك بولسىمۇ گۈزەل ۋە كۆركەم
ئەمەس ، بەزىلىرىنىڭ شەكلى ، بەزىلىرىنىڭ ئاق قارا سىزىقلىرى تەكشى
بولمىغان ، ئومومەن ئىلىپ ئېيتقاندا شەكىل ۋە ئوبىراز قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق
كەلمىگەن ، بۇنداق ماركىلاردا سەنئەتلىك جەلىپ قىلىش ۋە كۆرۈش سىزىم كۈچى
بولمايدۇ .
香港 靳埭强--中国银行/中银集团标志设计者
ماركا
لايىھىلىگەندە ئالدى بىلەن بىر
قانچە مۇھىم پىرىنسىپلارنى مۇلاھىزە قىلىش كىرەك .
(1)
پەرىقلەندۈرۈشچانلىقى
. ماركا چوقۇم ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان بولۇپ ، باشقىلار كۆرۈپلا
بىلەلەيدىغان ۋە ئەستە تۇتالايدىغان ، چۇڭقۇر ۋە ياخشى تەسىر قالدۇرغان
بولۇشى كېرەك . نىسپى جەھەتتىن ئىيتقاندا ماركا باشقا ماركىلارغا ئوخشاپ
كەتسە ۋە يىقىنلىشىپ قىلىپ ، ئالاھىدىلىكى سۇس بولۇپ قالسا چوقۇم
باشقىلارغا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرالمايدۇ .
(2)
ئىجادىيەتچانلىقى .
لايىھىلەش ئىجادىي ئوي - پىكىر ۋە شەكىلگە ئىگە بولغان بولىدۇ . ماركا
تېخىمۇ ھەم شۇنداق ، ئىجادىي ماركا چوقۇم باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە
تەسىر قالدۇرالىغان ھەم ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كىرەك .
ئىجادىيەت ئويدۇرۇپ چىقارغان بولسىمۇ ، ئەنئەنە ۋە ياكى كۈندىلىك
تۇرمۇشلاردىن ئىلىنىپ كونىلىرىنى چىقىرىۋىتىپ يېڭىلىرىنى ياراتقان ئىجادىي
تەپەككۇر بولغان بولسىمۇ بولىدۇ
(3) دەۋىرچانلىقى
. ماركا دەۋىردىن ئايرىلىپ ئارقىدا قالغان تەسىرلەرنى قالدۇرماسلىقى كېرەك
. ھازىرقى زامان كارخانىلارنىڭ ماركىلىرى زامانىۋىلىققا ئىگە بولۇپ ،
تارىخى ئەنئەنىنىگە ئىگە كارخانىلار زامانغا ماسلىشىپ يىڭى ئىقىمغا ئەگىشىپ
ماڭغان بولىدۇ .
(4)
رايونچانلىقى . ئۇ
بەلكىم تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى ، مەھسۇلات ياكى
مۇلازىمەت ئارقىدىكى مەدەنىيەت يىلتىزى ، بازار دائىرىسى ۋە ئوبيېكتنى
ئەكىس ئەتتۈرگەن بولىشى مومكىن . ماركا ئىنىق بولغان رايون ئالاھىدىلىككە
ئىگە بولسىمۇ نىسپى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان خەلقئارالىق ئوبىرازغا ئىگە
بولغان بولۇشى كېرەك .
(5)
ئۇيغۇنچانلىقى . ماركا
چوقۇم ئورگان كارخانىلارنىڭ قوللىنىدىغان كۆرۈش سىزىمى يەتكۈزۈش ۋاستىسىدۇر
. ھەر خىل ۋاستىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ياكى چەكلىنىشچانلىققا
ئىگە بولغان بولۇپ ماركىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەر خىل ۋاستىنىڭ شارائىتىغا
ئۇيغۇن كەلگەن بولىدۇ . مەيلى شەكىل ، چوڭ - كىچىكلىك ، رەڭ ۋە قۇرۇلما
جەھەتتىن بولسۇن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش كىرەك .
台湾 魏正--台湾艾肯形象策略公司总经理艾肯
ياخشى لايىھىلىگەن
ماركا ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ خىل چوڭ روھنى ھازىرلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ .
(1)
تەشەببۇسچانلىقى .
كارخانا ئىنتىلگەن غايىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئاندىن ئاسانلا چۈشەنگىلى
بولىدىغان شەكىل ۋە رەسىمگە ئايلاندۇرىمىز ، ھەمدە ئەڭ مۇۋاپىق كەلگەن
ۋەقەلىك بىلەن ئىجادىيەتنى ئىپادىلەپ ئەڭ ئاخىرىدا كارخانىنىڭ ئۆزىگىلا خاس
بولغان قىممىتى ۋە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرىمىز .
(2)
خەلقئارالىقى .
دىمەكچى بولغىنىمىز يەرلىكتىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىر قاراشتىنلا جۇڭگو ، ۋە
ياكى چەتئەلنىڭ كارخانىسى ۋە ياكى داڭلىق ماركىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ
ئاستا - ئاستا كىشىلەر قەلبىدە ياخشى تەسىر شەكىللەندۈرۈش . قىسقىچە
ئېيتقاندا يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ مەنىسىدىن ، غەرپ گۈزەل - سەنئىتىنىڭ شەكىل
قۇرۇلمىسىدىن ئىپادىلەپ تېخىمۇ خەلقئارالىققا يۈزلەندۈرىمىز .
(3)
كۈچ قۇۋۋەت ۋە كۈچلۈك ھىسىيات بولغاندىلا ھازىرقى ئىھتىياجنى ماركىدا
ئىپادىلىگىلى بولىدۇ .
日本 胜冈重夫--日本蕃茄银行商标设计者
ياخشى لايىھىلىگەن ماركا
كەڭرى دائىرە ، ئىگىزلىك ۋە ئۇزۇنلۇق قاتارلىق ئۈچ خىل ئامىلغا ئىگە بولغان
بولىدۇ .
(1) كەڭرى
دائىرىلىكى . ئىسىم
كارتۇچكىسى ، كارتا ، سوۋغات بويۇملار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماركىنىڭ
دائىرىسىنى كىڭەيتىپ قوللانغان شەكىلدۇر . بەزى ماركىلارنى ئىسىم
كارتوچكىغا ئىشلەتسە چىرايلىك كۆرۈنگەن بىلەن باشقا كارتىلارغا ياكى
قاتلانما ۋاراقلارغا ئىشلەتسە ياخشى چىقمايدۇ ، بۇنداق ماركىلار ياخشى
لايىلەنمىگەن ماركا بولىدۇ ، ماركا چوقۇم كارخانىنىڭ ھەممە ئالاقە تەشۋىقار
قۇراللىرىغا ئورتاق كىڭەيتىپ قۇللىنالىسا ياخشى لايىھىلەنگەن ماركا
ھېسابلىنىدۇ .
(2) ئىگىزلىكى
. خەلقئارالىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئىپادىلەنگەن ئوبرازنىڭ رەڭگى ۋە شەكلى
جەھەتتىن يۇقۇرى تاماملاش سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان بولىشى كىرەك .
(3) ئۇزۇنلىقى
. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ماركا بىر ئىككى يىل
ئىشىلىتىلىپلا كونا ماركىغا ئايلىنىپ قالىدىغان بولماي چوقۇم كارخانا بىلەن
تەڭ مەۋجۇت بولۇپ ، تەڭ تەرەققىي قىلالايدىغان بولىشى ، ئاڭ ئاز دىگەندىمۇ
ئون يىگىرمە يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك .
*******************************************************************************
يوللانغان ۋاقتى : 2008-يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى
يوللىغۇچى : تۇغلان
باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ماقالىنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ
، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش ئەڭ ئالىي ئەخلاقتۇر .
|