بۈگۈنكى ئۇچۇر جەمئىيىتىدە ، ئۇچۇرنىڭ
تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولماقتا . كارخانىنىڭ
ئۆزىگە خاس ئوبرازى بولۇشى مۇقەررەر يۆنىلىشتە بولۇۋاتىدۇ
. دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق لايىھىلىگۈچىسى 靳埭强 :
<< بىر كارخانا غەلبە قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم
ياخشى بولغان داڭلىق
ماركا ئوبرازى بولۇشى كىرەك ،
لايىھىلىگۈچى بولغانلار بۇ ئالاھىدىلىكنى
چوقۇم چۈشىنىشى زۆرۈردۇر ، كارخانىنىڭ
ماھىيىتىنى چۈشىنىپ كارخانىنىڭ مەدەنىيىتىنى
بەلگىلەپ ، كارخانىنىڭ ھەقىقى ئوبرازىنى
يارىتىش . لايىھىلەش پەقەتلا كارخانىنىڭ
سىتىشىنى تىزلىتىش قۇرالى بولۇپلا قالماستىن ،
ئەڭ مۇھىمى كارخانىغا ھەقىقى بولغان ئوبراز
يارتىش ، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە روھىنى ئەڭ
توغرا ھالدا يەكۈزۈشتۇر >>دىگەن .
لايىھە بىر تەرەپتىن سودا ئىقتىدارىنى
كىڭەيتىپ ، يەتمەكچى بولغان بازار ئۈنۈمىگە
ئېرىشەلىشى ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىر قەدەر
چۇڭقۇر بولغان مەدەنىيەت ساپاسىغا ھۆكۈم قىلىپ
، كارخانىغا توپتوغرا بولغان كۆرۈش سىزىم
ئوبرازى ئورنىتىش كىرەك ، مانا بۇ VI دەپ
ئاتىلىدۇ . VI بولسا بىر مۇكەممەل بولغان
بەلگە سېستىمىسىدۇر ، ئۇنىڭ
ئالاھىدىلىكى ئىنىق بولغان
<< كۆرۈش سىزىم كۈچى >> قۇرۇلمىسىنى نامايەن
قىلىپ ، توغرا ھالدا كارخانىنىڭ ئۆزىگە خاس
ئوبرازىنى يەتكۈزۈپ ، كارخانىنى تونۇشى ۋە
پەرىقلەندۈرۈش مەقسىتىگە يىتىشتۇر .