تۇغلان لايىھە سەنئىتى

    تۇغلان ھەققىدە  :::

 
ئىسمى : باتۇرجان ئابدۇۋەلى تۇغلان
 
پۈتتۈرگەن مەكتەپ : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى سانائەت لايىھىلەش كەسپى
 
ئالاھىدىلىكى : خەتتات ، تەكشىلىكتە لايىھىلەش ، تور بەت لايىھىلەش ۋە
 
ماركا (VI) لايىھىلەش . . .
 

قىسقىچە تەرجىمھالى

 ياش خەتتات ۋە لايىھىلىگۈچى باتۇرجان ئابدۇۋەلى تۇغلان 1984- قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىن خەتلىرى ئېلان قىلىنغان .
 2002- يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز
ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قايسى خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىدە 10 نەچچە قىتىم بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . 21 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان"ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم" تىمىدىكى ماقالىسى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . 2006- يىلى7- ئايدا شىنجاڭ تىلىگىرافى شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ماركا لايىھىلەش مۇسابىقىسىدە 1- بولغان . 2006- يىلى
11- ئايدا مەملىكەتلىك 2 - نۆۋەتلىك تەكشىلىكتە لايىھىلەش مۇسابىقىسىدە 3 - دەرىجە بولغان . 2007- يىلى5- ئايدا شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك 10 مۇنەۋۋەرئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ باھالانغان .
ھازىر شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قەشقەر خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

شەرەپلەر

新ICP备08000019号      Copyright © 2007-2008 www.tughlan.com All rights reserved .视觉巴扎版权所有